باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بوكس ماھىرى ئەلىنىڭ تۆت خوتۇنى توققۇز بالىسى 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مىراسنى تالاشتى

2016.06.06 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تۆت خوتۇنى ۋە توققۇز بالىسى تەخمىنەن 80 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مىراسنى تالىشىشنى باشلىغان.30 يىللىق توي تۇرمۇشىدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خوتۇنىدىن بەش قىز ۋە بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، تۆتىنچى خوتۇنى بىر ئوغۇل بالا بېقىۋالغان. ئەلىنىڭ يەنە ئاشنىسىدىن بولغان ئىككى قىزى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىسمى مىيار ۋە خالىيا ئىكەن.

  ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇنىڭ چىكاكودىكى بىردىنبىر ئوغلى Muhammad Ali Junior ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكى ھەم دادىسىنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى لاڭنى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى چىقىشالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دادىسىنىڭ بىر جۈپ بوكس پەلىيىنى سېتىش مەقسىتىدە بولغان ئىكەن.

  ئەلى ئۆزىنىڭ جەڭ ھاياتىدا، نەچچە ئون مىليون دوللار كىرىمگە ئېرىشكەن. 1980-يىلى لارى خومىسنى يېڭىپ 7 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر