- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ قۇرال جابدۇقلىرى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى
2016.06.06 15:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سىنگال تاراتقۇلىرىنىڭ 5-ئىيون خەۋەر قىلىشىچە: غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى 4-ئىيون بېنگالنىڭ پايتەختى داكادا ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئونىۋېرسال مۇقىملىقنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.
قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىندىن بۇيان مالىدا بىخەتەرلىك قىسىمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسمى ۋە فىرانسىيە ئارمىيەسىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپىيىپ، مالىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشتى، بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، شۇنداقلا پۈتكۈل غەربىي ئافرىقا رايونى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلماقتا. قاراردا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى مالىدىكى تېررورلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئۈچۈن، كۆپ دۆلەت ئارىلاشما قىسىمىنى قۇرماقچى.
غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى 4-ئىيون داكادا ئىچىلدى. گامبىيە، توگو، نىگېرىيە ۋە گىۋىنېيە بىسساۋدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت زۇڭتۇڭى قاتناشمىغاندىن سىرت، قالغان 11 ئەزا دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر