- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستان سوت مەھكىمىسى تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
2016.06.06 15:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 5-ئىيون ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى روگۇر ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، باش سوتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىنىڭ قازا قىلىشنى، ئۇندىن باشقا 19 كىشىنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ ئەدلىيە نىشانلىرىغا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى. 1-ئىيون، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۆت خادىمى غەزنى ئۆلكىسىدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر ھەربىي ساقچى بىلەن تۆت پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۇندىن باشقا باش سوتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشىنى يارىلاندۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر