- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئىمتىھاندا ساختىپەزلىك قىلىشقا ئائىت ماددىلار تۇنجى قېتىم قوللىنىلىدۇ
2016.06.07 14:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى تىزىملاتتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھاندا سەمىمىي بولۇپ، ئىمتىھان ئىنتىزامى ۋە ئىمتىھان قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئالدىنىپ زىيانغا ئۇچراپ ئۆمۈرۋايەت پۇشايمانغا قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق گۇرۇھ ياكى شەخسنىڭ «ئىمتىھانغا ياردەملىشىش»تەك ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكنى ئەسكەرتتى.
«جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى (توققۇز)»دىكى ئىمتىھاندا ساختىپەزلىك قىلىش جىنايىتىگە ئالاقىدار ماددىلار بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم قوللىنىلىدۇ، يەنى: قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئىمتىھانىدا، ساختىپەزلىك قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ۋە قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇش؛ ئەھۋالى ئېغىرلىرىغا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ۋە جەرىمانە قويۇش.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىمتىھاندا سەمىمىي بولماي، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ساختىلىق قىلغانلارنىڭ شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى ۋە قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ، ئەھۋالى ئېغىرلىرىغا ھەر خىل دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىنى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ ۋە بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلىش پاكىتىنى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئېلېكترونلۇق ئارخىپىغا كىرگۈزىدۇ؛ ئوقۇشقا كىرگەنلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە جازالىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر