باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭغا 450 نۆۋەت/قېتىم ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

2016.06.07 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭغا 450 نۆۋەت قېتىم ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىي 55 مىڭ يولۇچى توشۇماقچى بولغان، تاڭزۇڭزا چاغىنىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭ تارمىقى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ قاتارلىق لىنىيەلەرگە نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىدۇ ھەم ئۈرۈمچى - تۇرپان - شاڭخەي خوڭچياۋ لىنىيەسى، گۇاڭجۇ - ئۈرۈمچى - باكۇ لىنىيەسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاۋات پەسىلدە ساياھەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەدە ساياھەت قىلىدىغانلار، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى يوقلايدىغانلار ئۇدا ئاشىدىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساياھەتكە چىقىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلىدىكەن. 6 - ئايدا، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويىدىكەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھ شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىش، قىززىق لىنىيەدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ تىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

  ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىش جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھ شىركىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، ئالتاي قاتارلىق قىززىق لىنىيەلەرنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى - ئالتاي لىنىيەسىگە كۈنىگە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچى - بېيجىڭ لىنىيەسىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە توققۇز نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىدىكەن؛ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھ شىركىتى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچى - تۇرپان - شاڭخەي خۇڭچياۋ لىنىيەسىنى، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى گۇاڭجۇ - ئۈرۈمچى - باكۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدىكەن. ئاپتونوم رايون ئىچىدە غۇلجا، قاناس، ئالتاينى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى ئېچىشنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدىكەن؛ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى - قاناس ئاۋىياتسىيە لىنيەسىنى، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى - سىبىرىيە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن؛ توشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ ئايروپىلان لىنىيەسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈرۈمچى - بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، قەشقەر قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە «بوئېئېڭ 777 » بەلگىلىك ئايروپىلاندىن تۆتنى سالىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر