سۈرەتتە: بۇ 6 - ئىيۇن بىلگىيەنىڭ شەرقىدىكى مېۋس دەرياسى بويىدىكى سان-جورجىيا بازىرى ئەتراپىدا سۈرەتكە ئېلىنغان پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن كەچ سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا، بىلگىيەنىڭ نامۇر شەھىرىدىن لېيىج شەھىرىگە قاراپ ماڭغان بىر يولۇچىلار پويىزى مېۋس دەرياسى بويىدىكى سان-جورجىيا بازىرىغا كەلگەندە، ئالدىدا كېتىۋاتقان يۈك پويىزى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى