باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى قاتارلىق تۆت كىشى تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە

2016.06.06 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى ئېزىز قېيۇم ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  ئېزىز قېيۇمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ئېزىز قېيۇم، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ شايارلىق، 1957-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، 1975 -يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985- يىلى 3-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن.

  1975–يىلى 8-ئايدىن 1976-يىلى 1-ئايغىچە، شايار ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1976-يىلى 1-ئايدىن 1977-يىلى 1-ئايغىچە، شايار ناھىيەلىك « قىزىلبايراق» يېزىسىدا لۇشيەن تەربىيە خىزمىتى ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  1977-يىلى 1-ئايدىن 1978-يىلى 5-ئايغىچە، شايار ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان؛

  1978-يىلى 5-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە، شايار ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تەرجىمانى بولغان ( بۇ ئارىلىقتا، 1983-يىلى 9-ئايدىن 1984-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان )؛

  1985-يىلى 7-ئايدىن 1987-يىلى 8-ئايغىچە، شايار ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن؛

  1987-يىلى 8-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە، شايار ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988-يىلى 3-ئايدىن 1988-يىلى 8-ئايغىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرى شىنيى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان)؛

  1992-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، مۇۋەققەت ھاكىمى بولغان.

  1993-يىلى 3-ئايدىن 1995-يىلى 9-ئايغىچە، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاكىمى بولغان؛1995-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 1996-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  2000-يىلى 7-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2003-يىلى 1-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى بولغان؛ 2013-يىلى 3-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى بولغان.

   2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىبىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  ۋاڭ شىبىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ شىبىن، ئەر، خەنزۇ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ سەنتەيدىن، 1966-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، 1986-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993- يىل 9 ئايدا پارتىيەگە كىرگەن.

  1984-يىلى 11-ئايدىن 1985-يىلى 9-ئايغىچە، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 10-شى 187-تۈەن 11-ليەنىدە قايتا تەربىيە ئالغان؛

  1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 10-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپى مەكتىپىنىڭ كاتىبات كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1987-يىلى 10-ئايدىن 1991-يىلى 10-ئايغىچە، ئالتاي شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ كاتىپى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 1988-يىلى 10-ئايدىن 1991-يىلى 8-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇش كاتىبات كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1997-يىلى 5-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان؛

  2000-يىلى 7-ئايدىن 2002-يىلى 11-ئايغىچە، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان؛

  2002-يىلى 11-ئايدىن 2004-يىلى 4-ئايغىچە، ئالتاي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2004-يىلى 4-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

  2008-يىلى 1-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە، ئالتاي ۋىلايەتلىك بېيتۇن شەھىرى قۇرۇش ۋە تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2008-يىلى 2-ئايدىن 2008-يىلى 10-ئايغىچە، ئالتاي ۋىلايەتلىك بېيتۇن شەھىرى قۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، شەھەر قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2008-يىلى 10-ئايدىن 2012-يىلى 4-ئايغىچە، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2012-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ش ئۇ ئا ر 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان.

  3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ( گۇرۇھى ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  ۋاڭ چىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ چى، ئەر، خەنزۇ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چۇەنجياۋ ناھىيەسىدىن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، 1966-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، 1984-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1984-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە، ئازادلىق ئارمىيە خىفىي توپچىلار تېخنىكا ئىنستىتۇتى ھەربىي قوماندانلىق باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  1988-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە، لەنجۇ ھەربىي رايونى قوغدىنىش لۈيى توپچىلار تۈەنى 130- يىڭ 6-ليەنىدە مۇئاۋىن پەيجاڭ ۋەزىپىسىدە بولغان؛

  1992-يىلى 11-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق مۇستەقىل تۈەن 3-يىڭ 9-ليەنىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك سىياسىي ياردەمچىسى بولغان؛

  1998-يىلى 2-ئايدىن 1999-يىلى 2-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى مەمۇرلار ئىشخانىسىدا خىزمىتەت قىلغان؛

  1999-يىلى 2-ئايدىن 2001-يىلى 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى مەمۇرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  2001-يىلى 5-ئايدىن 2004-يىلى 4-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كارخانىلار خىزمىتى كومىتېتى تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

  2004-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 11-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كارخانىلار خىزمىتى كومىتېتى تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2004-يىلى 11-ئايدىن 2007-يىلى 5-ئايغىچە، ش ئۇ ئا ر دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2007-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ( گۇرۇھى ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى، ش ئۇ ئا ر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (ئاپتونوم رايونلۇق 2-خىلدىكى كارخانىلار رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسى)

  (بۇ ئارىلىقتا، 2010-يىلى 12-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىك ماگىستىرلار كەسپىدە ئوقۇغان ) ؛

  2012-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ( گۇرۇھى ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئوبلاستلىق نوپۇس، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ خوڭيۈەن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  شۈ خوڭيۈەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  شۈ خوڭيۈەن، ئەر، خەنزۇ، سەنشى ئۆلكىسى جياۋچىڭدىن، 1961-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، 1979-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1991-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  2001-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 10-ئايغىچە، ئىلى ئوبلاستى شىنخۇا دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2001-يىلى 10-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە، ئىلى ئوبلاستى شىنخۇا دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2004-يىلى 12-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە، ئىلى ئوبلاستلىق «دوستلۇق» دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشلىقى بولغان؛

  2015-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 1-ئايغىچە، ئىلى ئوبلاستلىق نوپۇس، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ( مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  2016-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە، ئىلى ئوبلاستلىق نوپۇس، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر