باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان كونكرېت سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىشى كېرەك

2016.06.07 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئىستودېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جايلار دەرس سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئوقۇش نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش، ئېلاستىكلىق ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق كونكرېت سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىش، مەيدان قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەككەن.

  ھازىر، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. مائارىپ مىنسىتىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  نۆۋەتتىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا جايلاردىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى چۆرىدەپ، خەلق باشقۇرىدىغان ئىقتىساد، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يۈزلەنگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكى، سانىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلىشىش» يېڭى ئەندىزىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنى سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر