خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن، جۇڭگو پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 13-ئايلانما مۇسابىقىسىدا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا داليەن چاۋيۆ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، ئىككى كوماندا 0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدان مۇسابىقىسىدىن 1 نومۇرغا ئېرىشتى، رەت تەرتىپىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، نۆۋەتتە 10-ئورۇنغا ئۆتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى