گوللاندىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر ___ خارلېمدا 4-ئىيۇن ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان كارتون بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ غەربىي-شىمالىي ياۋروپادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كارتون كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. 10 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان كارتون بايرىمى مەزگىلىدە يەنە كارتونغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەيدان كۆرگەزمىلەر، لېكسىيەلەر، ئاپتورلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش، ئىمزالىق كىتاب سېتىش، كىنو-تېلېۋىزىيە سەھنىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.