- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا داليەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، تەڭلىشىپ قالدى
تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ
2016.06.07 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن، جۇڭگو پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 13-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا داليەن چاۋيۆ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ،0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۆز مەيدانىدىكى تۆت قېتىملىق مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۆز مەيدانىدىكى تۆت قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، شان-شەرىپىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە يەنە، بىرلەشمە مۇسابىقىدە يىغىندى نومۇر بويىچە ئۈچ ئورۇن يۇقىرى ئۆرلىدى. بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئالتە مەيدان يېڭىلمىدى. مەيلى قارشى تەرەپ مەيدانى ياكى ئۆز مەيدانىدا بولسۇن، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆرەش قىلىش روھى بىلەن ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئىنتايىن ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر