باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 30-ئىيۇن شىنجاڭدا باشلىنىدۇ

2016.06.07 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 30-ئىيۇندىن 3-ئىيۇلغىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ شىنجاڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان يەنە بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىكەن.

  مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى دۆلىتىمىزدىكى قۇملۇق ۋالىبولى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئەڭ كۆپ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتلىك A دەرىجىلىك مۇسابىقە تۈرى. بۇ ۋاقىتتا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەرلەر، ئاياللار كوماندىسىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 32 كوماندا، 192 تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېر مۇسابىقىگە قاتنىشىىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قۇملۇق ۋالىبولى ماھىرلىرىمۇ شىنجاڭغا كېلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشق 1-ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشكە ماسلىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 1997-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فۇ لىڭلى، لەن خۇڭ، ۋاڭ جيې، شيا شىنيى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كېلىپ، بىر قاتار ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىلار قاتارىغا كىرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر