باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» تارقىتىلدى

ئائىلە دوختۇرلىرى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى

2016.06.07 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسى قاتارلىق يەتتە تارماق يېقىندا «ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئائىلە دوختۇرىنىڭ توختام مۇلازىمىتى پۈتۈن ئاممىغىچە كېڭەيتىلىپ، ئاھالىلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم بولغان توختام مۇلازىمىتى مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ، ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2016-يىلى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 200 شەھەردە ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا شارائىتى بار جايلارنى پائال نۇقتىدا سىناق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. توختام مۇلازىمىتىنىڭ ئۇسۇلى، مەزمۇنى، ھەق ئېلىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى جەھەتلەردە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالدى بىلەن ياشانغان، ھامىلدار-تۇغۇتلۇق، بالىلار، مېيىپ قاتارلىق كىشىلەر توپى ۋە يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت، توبېركۇليۇز قاتارلىق سوزۇلما كېسەل ۋە ئېغىر روھىي كېسەل قاتارلىقلارنى قاپلاش كېرەك. 2017-يىلىغا بارغاندا، ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى ٪30تىن، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ توختام مۇلازىمىتى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى ٪60تىن ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتىنىڭ باش مەسئۇلى. ھازىرقى باسقۇچتا ئائىلە دوختۇرى ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇنىۋېرسال دوختۇر، يېزا، بازار شىپاخانىلىرىدىكى ئىقتىدارلىق دوختۇر ۋە يېزا-كەنت دوختۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە دوختۇرى كوللېكتىپى ئاساسلىقى ئائىلە دوختۇرى، مەھەللە كومىتېت سېستراسى، ئاممىۋى گىگېنا دوختۇرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاھالىلەرنى ئاساسىي داۋالاش، جامائەت ساقلىقى ۋە پۈتۈشكەن سالامەتلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى، سالامەتلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئاساسلىقى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا قارىتىلغان بولۇپ، ھەر خىل خاسلاشتۇرۇلغان توختام مۇلازىمىتى مەزمۇنىنى بېكىتىش كېرەك، بۇ سالامەتلىكنى باھالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئائىلە كېسەل كارىۋىتى مۇلازىمىتى، ئائىلىدە پەرۋىش قىلىش، جۇڭگو تېبابىتى دورىسى بىلەن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى، يىراق مۇساپىلىك سالامەتلىكنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر