باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى « قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب» ھەقسىز تارقىتىلدى

2016.06.07 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب» ( قىسقارتىلىپ « قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب »دەپ ئېلىندى) بېسىلىپ بولغان، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ھەقسىز ئالسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب» سىياسەت، قانۇن - نىزام، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىي تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى، ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2011 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئۇدا بەش يىل خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا «قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب»نى تۈزۈپ نەشىر قىلىپ، ھەقسىز تارقاتتى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەسكەرتتى: «قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب»نىڭ تىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، بىر قەدەر كۈچلۈك پايدىلىنىش ۋە يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىنى چۈشىنىش، ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى سىياسىتى، خىزمىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان مۇنتىزىم يول ئارقىلىق ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر