باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 20دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى

2016.06.07 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر مەملىكەت بويىچە 20دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىل ئېلىمىز دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش سىنىقىنى تەخمىنەن %70 ۋىلايەت شەھەردە قانات يايدۇرىدۇ. بەشزى يەرلىكتىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا بىمارلار كۆپ بولۇش، كىچىك دوختۇرخانىلاردا بىمارلار ئاز بولۇش ئەھۋالىدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. دەسلەپكى رەتكە سېلىشتىن قارىغاندا، مەملىكەت مىقياسىدا خېبېي، سەنشى، لياۋڭنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن قاتارلىق 22 ئۆلكە دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىلىن، شەندۇڭ، تيەنجىن، خۇنەن، گۇيجۇ، نىڭشيا قاتارلىق 6 ئۆلكە دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش سىنىقى خىزمىتىنى پەيدىن پەي قانات يايدۇرىدىكەن. يېنىك كېسەللەرنى مەھەللىدە، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانىدا داۋالاش، مەھەللىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك داۋالىنىش قېلىپى ئەمەلگە ئاشىدىكەن. دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم بەردى. 1-، 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مىقدارى تەڭپۇڭلاشتى، ئادەم كۆپ بولۇش ئەھۋالى پەسەيدى، پۈتۈن يىللىق كېسەل كۆرۈش مىقدارى %3.4 لا ئاشتى، بالنىستتا يېتىش مۇلازىمىتى مىقدارى %3.7 ئازايدى. 2-، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاشتا نەتىجە كۆرۈلدى. مەملىكەت بويىچە 21 ئۆلكە %90 ئېغىر كېسەلنى ئۆلكىدىن چىقارمىدى، %70 بىمار ئۆز شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشنى تاللىدى. ناھىيە تەۋەسىدە داۋالىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بەزى ناھىيەلەردە بۇ نىسبەت %90كە يەتتى ياكى يېقىنلاشتى. خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئېلىمىز دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاشنى تەخمىنەن %70 ۋىلايەت شەھەردە سىناق قىلىدۇ. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەھەرلەردە ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %15تىن ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر