باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

2016.06.07 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈرۈمچى دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق جايلاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى شىنجاڭدىن 166 مىڭ 100 كىشى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 5600 كىشى كۆپەيگەن؛ شىنجاڭ بويىچە 63 ئىمتىھان رايونى، 182 ئىمتىھان نۇقتىسى، 7005 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان، بۇ يىل يېڭىدىن بەش ئىمتىھان رايونى، ئالتە ئىمتىھان نۇقتىسى، 298 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان، ئىمتىھانغا چېتىشلىق خىزمەتچى خادىم 20 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر