باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2016.06.07 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7 - ئىيۇن ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 182 ئىمتىھان نۇقتىسى، 7005 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2015 - يىلىدىكىدىن 5600 ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئىمتىھان ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە كېلىپ، ھەر قايسى ئىمتىھان مەيدانلىرىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق تەكشۈردى ھەم ئىمتىھان مەيدانى ۋە مەكتەپ ئىچى - سىرتىدىكى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى سىنىدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قەغىزىنى مەخپىي ساقلاش ئىشخانىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئىمتىھان ئالغۇچى خىزمەتچىلەردىن «بىخەتەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى نىشان قىلىپ، بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر