باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلدى

2016.06.07 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېزلەشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى زورايدى، بۇ شىزاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پۇختا ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويغان خەلق تۇرمۇشى بويىچە ئون ئەمەلىي ئىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ ئون ئەمەلىي ئىش مائارىپ، دېھقان-چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسى، كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، مەدەنىيەت، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى قاپلىدى. ھازىر شىزاڭ 15 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەشتە كاپالەت ئائىلىرى، يېتىم-يىسىرلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار تەڭلەشتى.

  يېقىندا شىزاڭ 13-بەش يىللىق پىلاننى ئوتتۇرغا قويدى، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىزاڭ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇمىيۈلۈك ياخشىلايدۇ، ھەر يىلى نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئاممىۋىي مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون ئەمەلىي ئىشنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات تەرەققىياتتىن تېخىمۇ ئوبدان بەھرىمان قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر