باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى سابىق باش ئەلچىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى

2016.06.07 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا. زاخاروۋا تۈنۈگۈن: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى سابىق باش ئەلچىسى ماكفائۇلنىڭ رۇسىيەگە چېتىلىدىغان سۆزلىرى ئاقىلانە ئەمەس، بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ ئەيىبلىدى.

  ماكفائۇل مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا رۇسىيەنى باش ئەگدۈرۈشى كېرەك، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان چېگراسىنى كېڭەيتىشى ئاقىلانە تەدبىر بولۇپ، بۇ موسكۋانىڭ تەھدىتىگە قارىتا نائىلاج چىقىرىلغان ئىنكاس.

  ماكفائۇلنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا زاخاروۋا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ماكفائۇل رۇسىيە تور ئەھلىنىڭ چىشىغا تەگدى دېدى.

  ماكفائۇل 2012-يىلى يانۋاردىن 2014-يىلى فېۋرالغىچە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسى بولغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ كۆپ قېتىم رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەمدە رۇسىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ ئەربابلىرىنى تەنقىدلەپ رۇسىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر