باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە يەنە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: جەنۇبىي ئافرىقا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ دېدى

2016.06.07 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى باش ئەلچىخانىسى 4-ئىيۇن تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئالىي خادىم مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: تېررورچىلار جەنۇبىي ئافرىقىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىشى مۇمكىن دېدى.

  ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئالىي خادىم مەھكىمىسىنىڭ بىر بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى، ھۇجۇم قىلغۇچى ھەر قاچان ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان جاي يوھاننېسبۇرگ ۋە كاپېتوۋندىكى چەتئەللىكلەر دائىم بېرىپ نەرسە كېرەك سېتىۋالىدىغان جايلار بولۇشى مۇمكىن. بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىراق ۋە سۇرىيە توقۇنۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەنگلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش خەتىرى ئاشماقتا، شۇڭا ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر