خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7 - ئىيۇن باشلاندى، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى 63 ئىمتىھان رايونى، 182 ئىمتىھان نۇقتىسى، 7005 ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان بەردى. ئىگىلىشىمچە بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپى ئۈرۈمچى ئىمتىھان رايونى بولۇپ، 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بەرگەن.
سۈرەتتە: ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئىمتىھان مەيدانىدا ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى