باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئالىملىرى 100 مىلى سېكونت دەرىجىلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۋانت ساقلىغۇچنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

2016.06.07 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇن جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەكتەپتىكى پروفېسسور پەن جيەنۋېي بىلەن شىياۋ خۇي سوغۇق ئاتوم ئانسامبىلىدىن پايدىلىنىپ 100 مىلى سېكونت دەرىجىلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۋانت ساقلىغۇچنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، كۋانتنى يىراقتىن تۇتاشتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق «تەبىئەت.فوتونىكا» ئىلمىي ژونىلىدا ئېلان قىلىندى.

  كۋانت تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، فوتونىكا سىگنالىنىڭ ئوپتىك تالادىكى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئاجىزلىشىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش−كەلگۈسىدە كۋانت ئالاقىسىنى ئىنتايىن ئۇزاق ئارىلىقتىن تۇتاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم جەريانى. كۋانت تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: بۆلەكلەر بويىچە چېتىپ تارقىتىش بىلەن ئالماشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقە ئارىلىقىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسى كۋانت زاپىسى تېخنىكىسى بولۇپ، فوتون بىتىنى يوشۇرۇن ساقلاش ئارقىلىق، چېتىپ تۇتاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. كۋانتنى يىراقتىن تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۋانت ساقلىغۇچنى يەككە كۋانت ھالىتىدە ئۇزاق ساقلاپ، يۇقىرى ئوقۇش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر