باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت پولشادا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

2016.06.07 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۆپ دۆلەت قىسمى تۈنۈگۈن پولشادا «بوغما يىلان 2016» بەلگىلىك كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىم ھەربىي مانېۋىرى ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا، پولشا، ئامېرىكا قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 19 دۆلەت ھەمدە شېرىك دۆلەتتىن ماكېدونىيە، فىنلاندىيە، گىرۇزىيە، شىۋېتسىيە، ئۇكرائىنانىڭ تەخمىنەن 31 مىڭ ھەربىيسى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر 16-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  رۇسىيە بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمىنىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردىكى ھەر قانداق ھەربىي مەۋجۇتلۇقى رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان تەھدىت، بىز بۇنىڭغا قايتۇرما تەدبىر قوللىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر