باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان ئاقتۆبى شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان 12 قوراللىقلارنى ئېتىۋەتتى

2016.06.07 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئالاقە ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق شىتابى شۇ كۈنى، قوراللىقلار غەربىي قىسىمدىكى شەھەر ئاقتۆبىدىكى قورال دۇكىنى ۋە ھەربىي بارگاھقا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ھەمدە قازاقىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئارقىدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 12 نەپەر قوراللىقنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى، توققۇز كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، باشقا ئالتە-يەتتە كىشىنىڭ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەۋەردە مۇنۇلار دېيىلدى: بىر بۆلۈك قوراللىقلار 5-ئىيۇن ئاقتۆبى شەھىرىدىكى ئىككى قورال دۇكىنىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە زور تۈركۈمدىكى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىنى بۇلاپ كەتكەن، قىسمەن قوراللىقلار ئارقىدىن ئۆزلىرى بۇلىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، شۇ جايدىكى بىر ھەربىي لاگىرغا بۆسۈپ كىرگەن ھەمدە ھەربىيلەرگە ئوق چىقارغان. ساقچىلار ۋە ئارمىيە بىلەن ئېتىشىش جەريانىدا، تۆت قوراللىق ئېتىپ تاشلانغان، 7 كىشى قولغا ئېلىنغان. باشقا قوراللىقلار قېچىپ كەتكەن. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئاقتۆبى شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇپ، قېچىپ يۈرگەن قوراللىقلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا مەسئۇل بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر