باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جىن چاپلاشقان بالا» ناملىق كىتاب بالىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2016.06.07 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) «جىن چاپلاشقان بالا» ناملىق بالىلار پوۋىستى-ئۇيغۇر بالىلار ئۇيۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان «مۆڭگۈز ئۇيۇنى»نىڭ بەدئىيلەشتۈرۈلگەن نوسخسى بولۇپ، ئۇيغۇر فولكلورىغا دائىر سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلگەن ئۆرپ-ئادەت ئوقۇشلۇقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

  بەدئىيلەشتۈرۈلگەن بالىلار ئۇيۇنى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىق تارىخىدىكى يېڭى بىر باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ، ئەنئەنىۋىي بالىلار ئۇيۇنلىرىنى زامانىمىز بالىلىرىغا يەتكۈزۈش، ئۆگىتىش، ۋارىسلىق قىلدۇرۇش، بالىلار ئۇيۇنلىرى ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيەلەشنى تۈپ مەقسەت قىلغان.

  «جىن چاپلاشقان بالا» ناملىق بۇ كىتاپ «كىتابخۇمار تەڭرىتاغ» ناملىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە تەۋسىيە قىلىنغان موھىم بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كىتابنى ئاۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمان ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئابدۇسەمەت ساۋۇت قوشكۆۋرۈكى يېزىپ چىققان.

  بۇ كىتاب بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىخسىكىلىق ئۆزگىرىشلىرىگە ماس كېلىدىغان تىل، ھەرىكەت، قىياپەت ۋە ھېسسىيات بىلەن خىلى يوقۇرى ماھارەتتە يېزىلغان بولغاچقا، كىتاب بازارغا سېلىنىش بىلەنلا كىتابخۇمار بالىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر