باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 – يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ساھىلى ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىنىدۇ

2016.06.07 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قۇملۇق ساھىلى ۋالىبول تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تنەتەربىيە ئىدارىسى 6 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، 2016 – يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ساھىلى ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 30 – ئىيۇندىن 3 – ئىيۇلغىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىنىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەلتىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە ئىكەن. مۇسابىقىگە ئەر – ئايال بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى 32 كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى كوماندىسىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىكەن. لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ تۈردىكى داڭلىق ماھىرى شيا شىنيى رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن. مۇسابىقىگە ئىشلىتىلىدىغان 3 مىڭ توننا قۇمنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىن يۆتكەپ ئېلىپ كېلىنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر