باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «جۇڭگو ئارزۇسى، ئەمگەك گۈزەل، شىنجاڭ ياخشى» ئاساسىي تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ

2016.06.07 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى 6 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ ئۈچ ئورۇن بىرلىكتە تەشكىللىگەن «جۇڭگو ئارزۇسى، ئەمگەك گۈزەل، شىنجاڭ ياخشى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ياشلار، ئىلغار ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقاتچىلارنىڭ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى 14 – ئىيۇندىن 23 – ئىيۇنغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، سانجى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلاش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ، زور كۈچ بىلەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرلىرىنى، ئاياللار برلەشمىسى تەشكىلىدىكى ئىلغار شەخسىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن پائالىيەت جەريانىدا مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچى مەمتىمىن ئابلىز، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان مىللەتلەر ئىتپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس ۋاڭ يەننا، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى مەريەمگۈل مىجىت قاتارلىق 15 نەپەر تەشۋىقاتچى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىلارغا، ئورگانلارغا، مەكتەپلەرگە، يېزا – بازارلارغا، مەھەللىلەرگە كىرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار خىزمەتچى، ياخشى ئاتا – ئانا، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇش ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر