باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۆلدۈر ئاپىتى مېھرىمىزنى كۈچەيتتى

2016.06.07 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بېرىپ 50مىڭ مو كۆلەمدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، باغۋارانلار، سەي-كۆكتاتلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاۋات ناھىيەسىدىكى 40تىن ئارتۇق ساخاۋەتچى كارخانىچىلار 260مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق ماددىي ئەيشىيالارنى توپلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتى.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنىڭ ۋەكىللىرى خېمىيىۋىي ئوغۇت، سۇلياۋ يۇپۇق قاتارلىق دېھقانچىلىق ئەيشىيالىرىنى ئېلىپ، يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ توغرا ئۆستەڭ كەنتى، تامتوغراق يېزىسىنىڭ قۇۋۇرغا كەنتىدىكى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئۈمىد ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۇردى.

  يىڭئېرىق يېىزىسىنىڭ ئۈستۈنكى تۇغرائۆستەڭ كەنتىدىكى دىھقان ھەمدۇللا مەخسۇت 22مو يىرىگە كىۋەز ۋە بۇغداي تىرىغان بۇلۇپ، بۇ قىتىمقى مۇلدۇر ئاپىتىدە دىھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر دەرىجىدە ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئوچراپ، كۆرۈلگەن ئىقتىسادى زىيان 60مىڭ يۈەنگە يەتكەن ئىدى. ئۇ، مىھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ماددى ئەشيالىرىنى تاپشۇرۋېلىپ، ناھايىتى خوشال بولدى.

  يېڭئېرىق يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى توغرا ئۆستەڭ كەنتىدىن ھەمدۇللا مەخسۇت مۇنداق دىدى: بۇ قېتىمقى ئاپەتتە مەن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدىم. ناھىيەمىزدىكى ساخاۋەتچى كارخانىلارنىڭ ياردىمىدە يەرلىرىمنى كەنچى قوناق تېرىپ، يەنە ھۇسۇل ئېلىشقا ئىشەنچىم ئاشتى.

  بۇ قىتىمقى مۆلدۈر ئاپىتىدە، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يىڭئېرىق يېزىسى، تامتۇغراق يېزىلىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆلەم 38مىڭ مۇ بولۇپ، بۇ قىتىم ساخاۋەتچى كارخانىچىلار ئۇغۇت، ئۇرۇقلۇق قۇناق، سۇلياۋ يۇپۇق قاتارلىق دىھقانچىلىق ماددى ئەشيالىرىنى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ غەم ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر