خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى -تەرەققىيات يىلى››پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئامما ئارىسىدا «كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش تىپىدىكى ياخشى جەمئىيەت قۇرۇش» باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش، كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش مەدەنىيتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنجىسىنى چىڭىتتى.
سۈرەتتە: 5-ئىيۇن، ئاقتام يېزىسىنىڭ باش ھاساتام كەنتىدىكى ياشلار كەنت قىرائەتخانىسىدا كىتاب ئوقۇماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى