خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى) 6-ئاينىڭ 4-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چۈرۈچ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ كۈنى مەكتەپتە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئوسۇت كەنتىدىكى يەككە تىجارەتچى ياسىن تۇرايىم 4000 يۈەن پۇل چىقىرىپ 80 يۇرۇش ئوقۇغۇچىلار فورمىسى، كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى 4500 يۈەن پۇل چىقىرىپ 90 يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار فورمىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئىقبال سودا ئېلانچىلىق شىركىتى 7000 يۈەن پۇل چىقىرىپ 140 دانە سومكا سېتىۋېلىپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەردى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى