خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇن خەلق سارىيىدا، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن ئامرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى ۋە مالىيە مىنىستىرى جاكوب لېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى بىلەن 7-نۆۋەتلىك ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلام كېڭىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپنىڭ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇرراق ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى بالدۇرراق مەنپەئەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئۈچ يىل ئىلگىرى جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ماقۇللىغانىدۇق. ئۈچ يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن بۇ يولنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تامامەن ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، نۇقتىنى ھەمكارلىشىش، كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، توسالغۇلارنى يوقىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن 9-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا قايتا ئۇچرىشىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودىغا مەبلەغ سېلىش، پاكىز ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئورتاق قېزىپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تىرىشىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھە ۋە رايونلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك ھاسىل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ساقلانغان قىسمەن ئىختىلاپلارغا قارىتا، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى ھۆرمەتلەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسى تېپىش ياكى ئاكتىپ ئۇسۇل قوللىنىپ باشقۇرۇپ كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى