باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ۋە مالىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.06.08 14:33   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ۋە مالىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادى سۆھبىتى، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۇقىرى قاتلاملىق كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررى ۋە مالىيە مىىنستىرى جاكوب لېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان نەچچە 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق مەنپەئىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. 7-ئىيۇن، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشمە ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، زۇڭتۇڭ ئوبامامۇ تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى مۇنبىرىنىڭ رولىنى ئىزچىل ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى ئورتاق تىرىشىپ چىڭىتىپ، ھەمكارلىق يولىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىختىلاپنى ئاكتىپ باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ