باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.06.12 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم مەكتىپى شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىدىن 526نى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىي مەكتەپلەر 398 ئوقۇغۇچىنى، قوراللىق ساقچى قىسىم مەكتەپلىرى 128 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىدۇ.بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 18ھەربىي مەكتەپ ۋە ئۈچ قوراللىق ساقچى قىسىم مەكتىپى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس يېتىشتۈرۈش قاتلىمىدىكى 71 كەسىپكە قوبۇل قىلىدۇ، بۇلار ئىچىدە، ھەربىي ئالىي مەكتەپلەر 386 ئوغۇل، 12 قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى، قوراللىق ساقچى قىسىم مەكتەپلىرى 127 ئوغۇل، 1 قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  نەنجىڭ سىياسەت ئىنىستىتۇتى، چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار ئىنستىتۇتى، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، قوراللىق ساقچى قىسىم ساقچى ئىنستىتۇتى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي پەندىن 29 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسىگە تەبىئىي پەندىن قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتەپلىرى ئالدىن مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە لايىق بولغانلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇرىنىڭ 110 % ى بويىچە ئارخىپى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ياخشىسىنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ، قوبۇل قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر داۋاملىق باشقا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپ ئۈچ ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىدۇ، لاياقەتلىك بولغانلار ئوقۇش تەۋەلىكى ۋە ھەربىيلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، قىسىمنىڭ تەمىنات تۈزۈمى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئازادلىق ئارمىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىگە نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى بويىچە شىنجاڭدىن بەش ئوقۇغۇچى تەربىيەلەيدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەربىي سەپكە قاتناشمايدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر