باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ «ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

2016.06.12 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا بىرلىكتە «ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى قۇرۇلۇشىنى ئاساس، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى يادرو، پارتىيە، دۆلەت، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش باش تېما قىلىنغان، ئاممىۋى باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتەن ياخشى دېگەن دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، زىيارەت قىلىپ ھال سوراش، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئاممىۋى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 95 يىلدىن بۇيان ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ماركسىزم ئىدىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، پارتىيەنىڭ دۇچ كەلگەن تارىخىي بۇرچى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى، ھەر قايسى دەۋردە ھەر قايسى ئۇرۇش سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوشقان تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ ئۇلارغا كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدىغانلىقى، كومپارتىيە بولمىسا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر