باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى ئەرمىنىيەدە زىيارەتتە بولدى

2016.06.08 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەكلىپكە بىنائەن ئەرمىنيەگە زىيارەتكە بارغان گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاۋ گاۋلى 6-ئىيۇن يېرىۋاندا ئەرمىنىيەنىڭ زۇڭتۇڭى سارگىسيان بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەرمىنيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە يولۇقماقتا، ئىككى تەرەپ داۋاملىق يۇقۇرى قاتلاملار ئالاقىسى ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسى جەھەتتىكى ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك، قول تۇتۇشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مەنپەئەت جىپسىلىشىش نۇقتىسىنى تېپىپ، ئىستراتېگيەلىك، ئومۇملۇققا ئىگە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى نۇقتىلىق يېتىلدۈرۈپ، سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن يەنىمۇ يۆلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك.

  سارگىسيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرمىنيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن مىس تاۋلاش، خىمىيە سانائىتى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ئەرمىنىيە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەرمىنيەدە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن جاڭ گاۋلى بىلەن سارگىسيان ئەرمىنىيە خەنزۇ تىلى مەكتىپىگە ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر