باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى 24- ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ

2016.06.12 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش، ئارزۇ تولدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مەزگىلدە ھەربىي مەكتەپ، دۆلەت مۇداپىئە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار سىنىقى قاتارلىق خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا دائىر كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان: 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە جاۋاب بېرىش كارتىسى (قەغىزى) يىغىۋېلىنىدىكەن؛ 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، ئىمتىھان قەغىزى توردا تەكشۈرۈلىدىكەن؛ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى، نومۇر رېتى ئېلان قىلىنىدىكەن؛ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن؛ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 0-تۈركۈمنىڭ تولۇق كۇرس بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 گىچە، باشقا تۈركۈملەرنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 گىچە بولىدىكەن. 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ھەربىي مەكتەپ، دۆلەت مۇداپىئە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار سىنىقى ۋاقتى بېكىتىلىپ بولغان.ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 16 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە تەسسىس قىلىنغان؛ ھەربىي مەكتەپ، دۆلەت مۇداپىئە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىيلىك ئىمتىھانى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان نۇقتىسى ئۈرۈمچى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تەسسىس قىلىنغان؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى، سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى »، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر