باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى

2016.06.12 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 63 ئىمتىھان رايونى، 182 ئىمتىھان نۇقتىسى،7005 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە 28 مىڭ خىزمەتچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشتى. ئىمتىھان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون بويىچە جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى شۇ جايدىكى ئىمتىھان ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە بېرىپ ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، ئىمتىھان رايونى، ئىمتىھان نۇقتىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىمتىھانغا نازارەتچىلىك قىلىپ، ئىمتىھان خىزمىتى جەريانىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بىرلەشمە يىغىنى ۋە تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئىمتىھان سۇئالى، جاۋاب بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تەرتىپىنى قوغدىدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ئامانلىقنى ساقلاش، قاتناش، مۇھىت ئەھۋالى ياخشى، ئىمتىھان ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولدى. تەشكىللىك، كەڭ كۆلەملىك ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىش، ئىمتىھاندا كوللېكتىپ كۆچۈرۈش ئەھۋالى يۈز بەرمىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون بويىچە جايلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش، شاۋقۇننى تىزگىنلەش، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، تەشۋىقات مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا باراۋەر قاتنىشىشى ئۈچۈن، مۇۋاپىق قۇلايلىق يارىتىپ بەردى.

  جايلاردىكى كارخانىلار، مېھرىبان زاتلار بەس - بەستە ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىپ قويۇش، سۇ، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھانغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتتىق قېلىپلاشقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەرتىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە قويۇق ئىنسانىي غەمخورلۇقنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر