باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ساداقەتنى ئىپادىلەش كېرەك

2016.06.08 14:38   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ساداقەتنى ئىپادىلەش كېرەك

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن بېيجىڭدا قىسمەن مەركەز مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيتىىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى تۈزۈش ھەققىدە پىكىر ئالدى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈزۈم قەپىزى، نىزامنى تۈزۈش جەريانى ئىدىيەنى، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش،مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىگنالى بېرىش جەريانى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيە گۇرۇپپىلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ۋە پارتىيە خىزمىتى تارماقلىرى ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا كەڭچىلىك بىلەن باشقۇرۇشتىن قاتتىق باشقۇرۇشقا ئۆتۈشى كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ئاخىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسيالىزىمنىڭ ئەڭ ماھايەتلىك ئالاھىدىلىكى، ھوقۇق مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىش دېمەكتۇر، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىغا قويۇلغان تەلەپنى سەمىمىي، پاك مەسئۇلىيەتكە يۇغۇرۇش كېرەك، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە مەسئۇلىيىتى بولۇشى، مەسئۇل بولغانكەن ئۈستىگە ئېلىشى، مەسۇلىيەتسىزلىك قىلسا سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت بىلەن ۋەزىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش لازىم.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى تۈزۈشتە مەسلىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسى زىددىيەتنى تۇتۇپ، پارتىيە نىزامىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىايسىي مەسئۇلىيەتنى مەركەز قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاساسى مەسىلىنى تۇتۇپ، قاراتمىلىق ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇش لازىم، يۆنىلىش توغرا بولسىلا بېسىلغان قەدەم چوقۇم غەلبىلىك بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئۆزى باشلامچى بولۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ھەققانىيەتنى ياقلاشقا جۈرئەت قىلىپ، جەڭگىۋارلىقنى ئىپادىلەپ، ھەقىقى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئويغىتىشى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھىنى قوزغىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ