باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

28 ئۆلكە يۇقىرى تېمپېراتۇرا تولۇقلىما ئۆلچىمىنى بېكىتتى، سىز تولۇقلىما ئالدىڭىزمۇ؟

2016.06.12 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن جايلار 6-ئاينىڭ كىرىشى بىلەن يازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى كۈتۈۋالدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا تولۇقلىمىسى تارقىتىدىغان ۋاقىت بولدى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ھازىر، مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە تولۇقلىما تارقىتىش ئۆلچىمىنى بېكىتكەن. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا تولۇقلىما ئۆلچىمى كۈنىگە 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ئايدا، مەملىكەت دائىرىسى بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇن-نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا تولۇقلىمىسىنى تارقىتىش ئەھۋالى بۇنىڭ قاتارىغا كىرگۈزىلىدىكەن.

  2012-يىلى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ھاۋا رايىدا سىرتتا ئوچۇقچىلىقتا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمەت مەيدانىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چۈشۈرۈپ بەرمىسە، ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا تولۇقلىمىسى بېرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر