باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ

2016.06.13 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىلى شىنجاڭدىن قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 55 ۋە 50 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىلى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 36 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل قۇبۇل قىلىشنى پىلانلىغان سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈن دوڭدوڭ پىروفېسسور مۇخبىرغا، 2015-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن 54 ئوقۇغۇچى قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ يىل 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسىلا، قۇبۇل قىلغاندا پىلاننى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماس كېلىدىغان جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات تۈرى، خەلقئارا سىياسىي، ئاممىۋى باشقۇرۇش، قانۇنشۇناسلىق، ئاخبارات-تاراتقۇ تۈرى، ئىقتىسادشۇناسلىق تۈرى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈرى، ئېنگلىز تىلى، ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تۈرى (ئېلېكتىرون، مىكرو ئېلېكتىرون، ھېسابلاش ماشىنىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىساد پەنلىرى)، بىيولوگىيە تۈرى، خىمىيە تۈرى، تەبئىي پەنلەر تەجرىبە سىنىپى تۈرى (يۈەنپېي ئىنىستىتۇتى)، سانائەت پەنلىرى تەجرىبە سىنىپى تۈرى (مېخانىكا، قۇرۇلۇش تۈزۈلۈشى، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، ماتېرىيال قۇرۇلۇشى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون كەسىپنى شىنجاڭغا قارىتا ئېچىۋەتكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى بېكىتىلگەن مۇستەقىل قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنى قوشقاندا، قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئومۇمىي سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم، فۇدەن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىلانىدا شىنجاڭدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئومۇمىي سانى 50 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە ئىمتىھان بېرىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچى سانى 29 ، مىللىي تىل تەييارلىق سىنىپى بويىچە قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى پىلانى 21 ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر