خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ھازىر يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق ئالدىغا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىدە تۈزۈلگەن «جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت تېزىسى» پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو، گېرمانىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىدە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن گېرمانىيەنىڭ «سانائەت 4.0»نى ئۇدۇللاشتۇرۇش، 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقى، ئەقلىي ئىقتىدار ياسىمىچىلىقى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى