خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى ) پوسكام ناھىيەسىنىڭ تۇغچى، كۈيباغ، ئاقتام قاتارلىق يېزىلىرىدىكى دېھقانلار بۇ يىل ئەتىياز تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، 5000 مو يەردىكى چىلان ۋە ياڭاق كۆچەتلىرىنىڭ ئارىسىغا تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە كىرىشتۈرۈپ يەر ياڭىقى تېرىغان بولۇپ، دېھقانلار نۆۋەتتىكى يازنىڭ ‹‹ئۇچ ئىشى››خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يەر ياڭىقى مايسىلىرىنىڭ تۈرلۈك پەرۋىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يەر ياڭىقى تىرىلغان ھەر مو ئېتىزنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 300 كىلوگىرامدىن، مەھسۇلات قىممىتى 2000 يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا باغ كىرىمىنى قوشقاندا ھەر مو يەرنىڭ يىللىق كىرىمى 8000 يۈەنگە يېتىدىكەن .
سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈيباغ يېزىسىنىڭ قەمبە كەنتىدىكى دېھقانلار چىلان كۆچەتلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تىرىلغان يەر ياڭىقى مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى