باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

2016.06.07 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش پەقەت كەسپىي ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﻮﻟﯩﺪىكى بىر ئامىل بولۇپ، كىشىلىك ھايات تەقدىرىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلالايدۇ، ئەگەر داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىلەشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئوقۇغانمۇ بىكار بولىدۇ.

  يەنە بىر قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلاندى، ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدىكى تېما كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇلاھىزە قىلىشىنى قوزغايدۇ. ئالىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش- ئۆتەمەسلىكتىن داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە، يۇقىرى نومۇر ئىلىپ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

  لېكىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپ چەكلىك بولغاچقا، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولىدۇ. 2015-يىللىق سانلىق مەلۇماتنى مىسالغا ئالساق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 9 مىليون 156 مىڭ بولۇپ، «211» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر (985 ئالىي مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) 427 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ %4.7نى ئىگىلىگەن، ئەگەر بۇ ساننى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۆپ بولغان ئۆلكىلەرگە چاچسا، بۇ نىسبەت تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

  كۆپچىلىك داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇشنى قوغلىشىدۇ، چۈنكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقى بار، داڭلىق شەخسلەر دەرس ئۆتىدۇ، ئىلغار ئىدىيە بار، مەكتەپ مۇھىتى ياخشى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەۋەبلەر. ئالىي مەكتەپ لېكسىيەسىنى مىسالغا ئالساق، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە داڭلىق ئالىي مەكتەپ كۆپ، قاتناش قولايلىق، ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بۇ مەكتەپلەردە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇش بايلىقى بار. لېكىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق شەخسلەرنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش پۇرسىتى ئاز. مۇشۇ ھالەتتە داۋاملىشىپ، ئۇلارنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى چوڭايماقتا. بىراق، بۇ خىل قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇل يوق ئەمەس. ئىنتېرنېت تورى تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توردا دەرس ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن جاي، مەكتەپ شارائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەرقنى كىچىكلەتسە بولىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېيتقاندا، جەمئىيەتتىن كەلگەن رىقابەت ئەڭ زور. شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇش تارىخىغا قويۇلغان تەلەپتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كەمسىتىش مەۋجۇت. ئىپادىسى ياخشى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بەلكىم داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىدىن ياخشى ئورۇنغا تاللانماي قالىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، نۇرغۇن كىشى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنى تاللايدۇ، ئەمما بۇ تۈركۈم كىشىلەر ئىچىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت كەسپىي ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﻮﻟﯩﺪىكى بىر ئامىل، ئۇ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىلەشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئوقۇغانمۇ بىكار بولىدۇ. داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا مۇقىم قىياپەت بويىچە مۇئامىلە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەتچىلىكمۇ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىپ، پۇرسەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر