باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2016.06.14 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. ئادۋوكات قوشۇنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەت قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئادۋوكاتلىق خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر