باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يولداش لى باۋگونىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئاممىغا ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا بەخت يارىتىپ، تىرىشىپ دەۋرگە خاس نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك

2016.06.13 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش لى باۋگونىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنداق دېدى: يولداش لى باۋگو 35 يىلنى خۇددى بىر كۈنگە ئوخشاش ئۆتكۈزۈپ، ئىزچىل پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىل نامراتلارنى يۆلەش جېڭى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىنى تاغلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئاممىنى بېيىتىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. يولداش لى باۋگونى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگىسى، زىيالىيلارنىڭ ئىلغار ۋەكىلى، تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈگۇڭ دېيىشكە بولىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە مائارىپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يولداش لى باۋگونىڭ ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب روھىنى ئۆگىنىپ، ئاممىغا ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا بەخت يارىتىپ، تىرىشىپ دەۋرگە خاس نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  لى باۋگو ھايات ۋاقتىدا خېبېي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ئىدى. ئۇ تەيخاڭشەن تاغلىق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئۆمۈرلۈك نىشان قىلىپ، يىلدا 200 نەچچە كۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، 1 مىليون 400 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، 100مىڭ دېھقاننى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يېتەكلىدى. ئۇزاق يىللىق يۇقىرى خىزمەت بېسىمىدا لى باۋگوغا ھاردۇق يېتىپ كېسەل بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاپرېل تاڭ سەھەردە، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 58 يېشىدا ۋاپات بولدى. لى باۋگو ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن «مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئەزاسى»، «دەۋر نەمۇنىسى»، «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئوقۇتقۇچى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملار بېرىلدى. تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر