باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش دوختۇرخانىسى ئاساسىدا ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى قۇرۇلىدۇ

2016.06.14 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار كېسەللىكى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش دوختۇرخانىسى ئاساسىدا ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە كۆلىمى جەھەتتە 800 كارىۋاتلىق بالىلار بۆلۈمى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالاش قىيىن بولغان، مۇرەككەپ بالىلار كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، داۋالاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، دۆلەت بالىلار تىبابىتى مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ھەم بالىلار كېسەللىكلىرى بويىچە كىلىنىكىلىق تەتقىقات خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر