خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك، يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 15- ئىيۇن ئىشخىلا بازىرىغا كېلىپ، يورۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى.
ئىگىلىنىشچە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپىسىدىكىلەر 20- ئىيۇنغىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخىلا بازىرى، ئالاقاغۇ بازارلىرىدا ئاساسلىقى كۆزگە ئاق چۈشكەن بېمارلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ياخشى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدىكەن . سۈرەتتە: مۇتەخەسسىسلەر 15- ئىيۇن ئىشخىلا بازىرىدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۆزىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى