- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ سېرۋىيە، پولشا، ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2016.06.14 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 13-ئىيۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سېرۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نىكولىك، پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇدا، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كەرىموۋلارنىڭ تەكلىپكە بىنائەن 17-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە، يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى كەرىموۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر