خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «جۇڭگو ئارزۇسى، ئەمگەك گۈزەل، شىنجاڭ ياخشى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ياشلار، ئىلغار ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقاتچىلارنىڭ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە تۇنجى مەيدان لېكسىيە سۆزلەش - ئويۇن قويۇش پائالىيىتى 13 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلاش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ، زور كۈچ بىلەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرلىرى، ئاياللار برلەشمىسى تەشكىلىدىكى ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بۇ پائالىيەت 14 – ئىيۇندىن 23 – ئىيۇنغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، سانجى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى مەمتىمىن ئابلىز، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس ۋاڭ يەننا، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى مەريەمگۈل مىجىت قاتارلىق 15 تەشۋىقاتچى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىلارغا، ئورگانلارغا، مەكتەپلەرگە، يېزا – بازارلارغا، مەھەللىلەرگە كىرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار خىزمەتچى، ياخشى ئاتا – ئانا، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇش ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز لېكسىيە سۆزلەشكە قاتنىشىدىغان تەشۋىقاتچىلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ۋە لېكسىيەسىنى ئاڭلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى