خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 12 – ئىيۇن، شىنجاڭ يىپەك يولى رەستىسى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن تور كومىدىيەلىك قىسقا فىلىمى «ئانار پىشتى»نىڭ 2 - بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەم بۇ فىلىمنىڭ 2 - بۆلۈم 1 - قىسىمىنى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ يىپەك يولى رەستىسى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى غېنىزات توختى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «يىپەك يولى رەستىسى» تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېلېۋىزوردا مال سېتىش، دۆلەت ئىچى تور سودىسى، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىنى ئىشلەشنى ئاساس قىلغان شىركەت بولۇپ، ھازىر شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزوردا مال سېتىش پىروگراممىسى « TV بازار«، شىنجاڭدىكى تۇنجى قازاقچە تېلېۋىزوردا مال سېتىش پىروگراممىسى «TVيەرمەنكە»، تور فىلىمى «ئانار پىشتى« قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى. «ئانار پىشتى» كومىدىيەلىك قىسقا فىلىمى شىنجاڭنىڭ تور قىسقا كىنوچىلىقىنى مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مەملىكەتكە تارقىتىشنى مەقسەد قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سالغان ئىدى، نەتىجىسى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى بولدى.
ئۇقۇشۇمچە، «ئانار پىشتى» تور كومىدىيەلىك قىسقا فىلىمى 2016-يىلى 30 - يانۋار تور سۇپىلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىپ تارقىتىلىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا تور ئابونىچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، «SINA» مىكرو بىلوگىنىڭ قىزىق نۇقتىلىق ئىزدەش تىزىملىكىدە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن. «تېڭشۈن» تورىنىڭ ئۆزىدىلا تارقىتىش، چېكىلىش قېتىم سانى 130 مىليوندىن ئېشىپ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تور ئابونىچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تور قىسقا فىلىمى «ئويلىمىغان يەردىن» فىلىمىنىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى «ئانار پىشتى» نىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن، شۇنداقلا مايدا «ئانار پىشتى» فىلىمىنىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى شياڭگاڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيەسى « مەشھۇرلار بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
«ئانار پىشتى» فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ھەزرەتئېلى ياسىن مۇنداق دېدى: فىلىم گۇرۇپپىمىزدا ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ ياشلىرى بار، فىلىمنىڭ ئىسمىنىمۇ «ھەر مىللەت كىشىلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك ئۇيۇشۇش» دېگەن مەزمۇننى ئاساس قىلىپ قويغان، شۇ ئارقىلىق دىيارىمىزنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق قىياپىتىنى، ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ يەرلەرگە تارقاتساق دېگەن ئۈمىدتەمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى